ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تىبەت راھىبىنى ئۇرۇۋاتقان بىر سىن فىلىمى يۇتۇب تورىدا غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇتۇب تورىنى خىتايدا چەكلىگەن ئىدى.
پەيشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەتلىك رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە كىنو فىلىم باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، " مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئۆچمەنلىك قوزغايدىغان" ياكى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى " غەرەزلىك ھاقارەتلەش" مەزمۇنىدىكى فىلىملەرنىڭ توردا ئېلان قىلىنىش چەكلىنىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ نۆۋەت يولغا قويغان يېڭى چەكلەش بەلگىلىمىسىدە، شەھۋانىي ۋە دىنىي مەزمۇندىكى فىلىملەرنىمۇ خىتاي تورلىرىدا قويۇشقا چەك قويۇلغان.
