لېكىن، خەۋەردە ئۈرۈمچىنىڭ قايسى جايلىرىدىكى ئەخلەت دۆۋىلىرىنىڭ ئاختۇرۇلغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي رازۋېدكا خادىملىرى بۇ ھەقتىكى يىپ ئۇچىنى ئالغاندىن كېيىن، 13 - ئاۋغۇست ئىككى ئورۇندىكى ئەخلەت دۆۋىلىرىدىن " دەلىل ئىسپات " ئىزدەشكە باشلىغان.
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەنى " بۆلگۈنچىلىك ۋەقەسى" دەپ ئاتىغان ۋە ۋەقەگە ئالاقىدار كىشىلەرنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى شۇندىن كېيىن 2000 مىڭغا يېقىن ئادەمنى قولغا ئالغانلىقى ۋە بۇلارنى "جىنايى جاۋابكارلىق" قا تارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.