شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاپتونوم رايوونلۇق پارتكوم بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى لى جژنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇرۇن قەشقەر، خوتەنلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن جۇ خەيلۈننى بەلگىلىدى. شۇنداقلا يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتېيى دائىمى كومىتېتى بۈگۈن، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى ليۇياۋخۇانى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ، جۇ چاڭجېنى نازىرلىققا تەيىنلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، دۆلەت كابىنىتى ئۈرۈمچىگە مۇقىملىق قوغداشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتكەن خىتاينىڭ دۆلەت ئىشلىرى كومسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرى مېڭ جەنجۇ، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەربىي قىسىملار بىلەن، قوراللىق ساقچى قىسىملار بىلەن، ساقچىلار بىلەن ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن كۆرۈشىۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلغان ئىدى.
'شىنخۇا ئاگېنتلىقى'نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، گەرچە بۈگۈن ئۈرۈمچىدە كۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى قوراللىق ساقچىلار كونترول قىلدى، ۋەزىيەت ئاساسەن تىنجىلاندى، بىراق بۇ جەرياندا قاتناشقا چەكلىمە قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەتكە بېرىش ۋە سودا قىلىشى قولايلىق بولمىدى، دەپ بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ گېزىتى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن شەنبە كۈنى ئەتىگەندە يەنە، خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان كىشىلەرگە قارىتا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان. يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر يۈز - كۆزىنى يۆگەپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان.