رابىيە قادىر خانىم: خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى، لېكىن ئۇيغۇرلارمۇ توختاپ قالمايدۇ

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم: ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ئۆزى ئازاد قىلىدۇ ياكى قۇربان بولىدۇ، دېدى. ئۇ، بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويدى.

قەشقەر ۋە خوتەنلەردە يېقىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن رابىيە قادىر خانىم: مەنچە بۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە ئارىلاشقانلار، 2009-يىلىدىكى ئاشۇ ۋەقەلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇشى مۇمكىن. «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» بىر چوڭ ۋە ئېچىنىشلىق ۋەقە بولسىمۇ، ھېچكىم يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەن ئىدى، دېدى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2009-يىلى 10 مىڭدەك ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقى، قولغا ئېلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغانلىقى، ھازىر سانىنىڭ ئەسلىدىكى 10 مىڭدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رابىيە قادىر خانىم ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: مەنچە خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى، لېكىن ئۇيغۇرلارمۇ توختاپ قالمايدۇ. ئۇلار، خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىگۈچە توختىمايدۇ.