خىتاي 'غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش' پىلانىنى جىددىي ئەمەلگە ئاشۇرماقتا

بۇ يىل "غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش" پىلانى بويىچە قۇمۇلدىن 6 مىليون توننا كۆمۈر توشۇلغان. خىتاينىڭ شىنخۇا خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ "غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش" پىلانىنىڭ ئاساسلىق بازىسى ھېسابلىنىدىغان قۇمۇل ۋىلايىتىدە ئۆتكەن بىر يىلدىكى كۆمۈر مەھسۇلاتى 12 مىليون توننىدىن، سىرتقا توشۇش مىقدارى 6 مىليون 80 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇلغان.

بۇ سانلىق مەلۇماتنى قۇمۇل ۋىلايەتلىك كۆمۈرچىلىك سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەمىنلىگەن.

شىنخۇئانىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، قۇمۇل ۋىلايىتىدىكى كۆمۈر زاپىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 570 مىليارد توننا ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنغان بولۇپ، بۇ پۈتۈن خىتايدىكى كۆمۈر زاپىسىنىڭ 12.5% نى تەشكىل قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى " غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش" نامى ئاستىدا پىلان تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 2 - ئايدىن باشلاپ، تۇرپان - قۇمۇل ئويمانلىقى ئاساسلىق كۆمۈر قېزىش بازىسى قىلىپ بېكىتىلگەن ھەمدە ئۆتكەن يىلدىن ئېتىبارەن شەندوڭ، خوڭكوڭ ۋە باشقا جايلارنىڭ 30 نەچچە چوڭ شىركەتلىرى بۇ جاينىڭ كۆمۈرچىلىك ئىشلىرىغا جەلپ قىلىنغان.

قۇمۇل ۋىلايىتى 2010 - يىلى كۆمۈر قېزىشنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، يىللىق قېزىش مەھسۇلات مىقدارىنى 32 مىليون توننىغا يەتكۈزۈش، 2013 - يىلىغا بارغاندا، 197 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى يۆتكەپ كېتىلگەن 6 مىليون توننا كۆمۈرنىڭ 4 مىليون 770 مىڭ توننىدىن كۆپرەكى پويىز بىلەن توشۇلغان. شىنجاڭ - لەنجۇ تۆمۈر يولىنىڭ ئىككىنچى لىنىيە قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن ئەسلىدىكى بار لىنىيە پۈتۈنلەي يۈك توشۇش يولىغا ئۆزگەرتىلىدىكەن.

خەۋەردە، مەزكۇر لىنىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈر قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە يۆتكەش ئۈچۈن زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىتىش رولىنى ئوينايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

نۆۋەتتە، "غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش" پىلانى ئۈنۈملۈك ئىشلەۋاتقان بولۇپ، تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تارىم ۋادىسىنىڭ تەبىئىي گازلىرى خىتاينىڭ ئىچكى شەھەر ۋە ئۆلكىلىرىنى تەمىنلىمەكتە ئىدى.