شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپىغا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان "قوش تىل مائارىپى"، كەسپىي ۋە ئالىي مائارىپ قاتارلىقلارغا يۆلىنىش بەلگىلەش ۋە ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىنى تۈزۈش ۋەزىپىسى بېرىلگەن.
گۇرۇپپا يەنە، ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدىكى مەبلەغ سالىدىغان تۈرلەرنى كۆرسىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىمۇ ئۆتەيدىكەن.
مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشى خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە "قوش تىل" مائارىپىنى جىددىي كۆلەملەشتۈرىۋاتقان ۋە شۇنىڭ ئەگىشىپ ئۇيغۇر تىلدىكى مەكتەپلەرنى بارغانچە كېمەيتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ھەسسىلەپ قىسقارتىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.
بىز ئىگىلىگەن خەۋەرگە قارىغاندا، يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت توقسۇن ناھىيىسىدە 518 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى پات ئارىدا قىسقارتىشنى پىلان قىلغان.
