خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ گېزىتنىڭ مۇخبىرىغا 'جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى يېقىندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشلەردە، 'بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى' دەپ ئاتىلىدىغان ھەرىكەتلەردىن 239، 'تېزگىنلىنىدىغان تىغقا چېتىلىدىغان جىنايەت' دەپ ئاتىلىدىغان ھەرىكەتلەردىن 32 يىپ ئۇچىغا ئېرىشتۇق، بۇنىڭدىن 24ى تەكشۈرۈلۈپ 43 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى' دېگەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى يەنە 'پارتلاتقۇچ بۇيۇم، قورال - ياراغ، تېزگىنلىنىدىغان تىغقا چېتىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى پاش قىلغانلارغا 200 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ، پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيەتلىكى ساقلىنىدۇ' دەپ جاكارلىغان.