خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ يۈنكاڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى تەكىتلىدى

خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جوۋ يۈنكاڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى قاتتىق تەكىتلىگەن. "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر ساھە خىزمەتلىرىدە مۇقىملىق بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلماقتا.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان جوۋ يۈنكاڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن 22 - سېنتەبىر ئالتايغا كېلىپ، ئالتايدىكى قوراللىق قىسىم ۋە ساقچى قىسىملىرى بىلەن ئۇچراشقان.

ئۇ ئۇچرىشىشتا قىلغان سۆزىدە، ساقچى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملار شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قىسىملارنى "مەركىزى ھۆكۈمەت ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يوليورۇقىنى تەۋرەنمەي ئىجرا قىلىپ، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا" چاقىرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىشنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۈستىدىكى سىياسىي بېسىمنى ئاشۇرۇش، قورالغا تايىنىپ رايوننى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

"5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى "شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى" نى چاقىرىپ، خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىنى ئۇيغۇر رايونىدا "مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىنى بەرپا قىلىشقا" چاقىرغان ئىدى.