خىتاي يەرلىك ئەدلىيە تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاساسىي قاتلامدىكى قانۇن مۇلازىمىتىنى ياخشىلىماقچى

خىتاي يەرلىك ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئاساسىي قاتلامدىكى قانۇن مۇلازىمىتىنى ياخشىلايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، 28 - ماي ئۇيغۇر ئېلىدە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەتچىلىرى جەمئىيىتى قۇرۇلغان. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى ئاساسىي قاتلامدىكى قانۇن خىزمىتىنى "قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش" ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، جەمئىيەتنى قۇرۇش يىغىنى 28 - ماي ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىن كەلگەن 92 نەپەر ئەدلىيە خادىمى قاتناشقان.

ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پىكرى، خىتاي ئالىي سوتى قىيىن -قىستاق ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈلگەن دەلىل -ئىسپاتلارنى سوتتا ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2006 - يىلى يەكەن ناھىيىسى گۈلباغ يېزىلىق ساقچى دائىرىلىرى مەمەتتۇرسۇن تاش ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ كەتكەن ۋە بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدلىيە دائىرىلىرى ئالغان بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى زوراۋانلىقى مەسىلىسىگە قانچىلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.