د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت: خىتاي جەنۇبىي موڭغۇلىيىگە قارىغاندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلاردىن تېخىمۇ ئەنسىرەيدۇ

ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كوچىلاردىكى چارلاش ساقچىلىرىنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، موڭغۇللار نامايىشى مەزگىلىدە، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى. دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى:
«23-ماي جەنۇبىي موڭغۇلىيىنىڭ شىلىنغول ئايمىقىدا باشلانغان موڭغۇللار نامايىشىدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كوچىلاردىكى چارلاش ساقچىلىرىنى كۆرۈنەرلىك كۆپەيتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئىنتېرنېت قامالىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە يۈز بەرگەن موڭغۇللار نامايىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى چەكلىمەكتە. مەكتەپ ئىدارە ئورگانلارغا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار ھەم خىزمەتچى خادىملارغا قارىتىلغان يوقلىما ھەم نازارەتنى كۈچەيتمەكتە. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىمۇ جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە يۈز بەرگەندەك نارازىلىق نامايىشىنىڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىمەكتە.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدە 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا قارىتا نۇقتىلىق نازارەت ئېلىپ بېرىپ، 17-ماي كۈنى 3 نەپەر ئۇيغۇرنى كۆچمەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالغانلىقىغا قارشى «تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقاتتى» دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.