خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېنېرگىيە يۆتكەش قەدىمى تېخىمۇ تېزلەتمەكچى

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 16 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت، تەبىئىي گاز، توك ۋە تاشيول لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. «تەڭرىتاغ» تورىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەر شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە «ھاۋادا توك يۆتكەش»، «يەر ئۈستىدە كۆمۈر يۆتكەش»، ۋە «يەر ئاستىدا گاز يۆتكەش» قاتارلىق قاتلاملىق ئېنېرگىيە يۆتكەش تونىلى ھاسىل قىلىشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.07.14


خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى ۋە قۇرۇقلۇقتىكى چوڭ ئېنېرگىيە تونىلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسى ليۇ يەنلياڭ: شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئېنېرگىيە ئېچىش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى، دېگەن ۋە ئېنېرگىيە تونىلى قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي «غەربىنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش سىياسىتى» دىن باشقا يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ «غەربنىڭ توكىنى ۋە كۆمۈرلىرىنى شەرققە يۆتكەش» ئىستراتېگىيىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئېنېرگىيە يۆتكەش قەدىمى تېخىمۇ تېزلەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.