خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى ۋە قۇرۇقلۇقتىكى چوڭ ئېنېرگىيە تونىلى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسى ليۇ يەنلياڭ: شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئېنېرگىيە ئېچىش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى، دېگەن ۋە ئېنېرگىيە تونىلى قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي «غەربىنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش سىياسىتى» دىن باشقا يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ «غەربنىڭ توكىنى ۋە كۆمۈرلىرىنى شەرققە يۆتكەش» ئىستراتېگىيىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئېنېرگىيە يۆتكەش قەدىمى تېخىمۇ تېزلەتكەن ئىدى.