خىتاي، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا ھە دەپ ئۇيغۇر ۋە خىتايلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا دائىر تەشۋىقاتنى تېخىمۇ بەك كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇلار رادىئو - تېلىۋىزىيىلەردە ھە دەپ ئىككى مىللەتنىڭ ئىتتىپاق - ئىناقلىقى، ھەممە مىللەتنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىگە دائىر تەشۋىقات فىلىملىرىنى توختىماي كۆرسىتىشكە باشلىغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئۇلار يەنە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بەزى كىشىلەر ئارقىلىق ئەسلىدە ئىككى مىللەتنىڭ ئىتنايىن ئىناق - ئىتتىپاق ياشاۋاتقانلىقىنى، ئەمما چەتئەللەردىكى ئاز بىر قىسىم بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ئىككى مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى بۇزۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدۇرۇۋاتقان ئىكەن.

ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ خوتەندە كۆرۈشكەن بىر قانچە ئۇيغۇر مۇخبىرغا: "ئۇلارغا مۇشۇنداق سۆزلەپ بېرىشى ئۈچۈن پۇل بېرىدۇ. ئەمما 90 پىرسەنت ئۇيغۇر بۇنداق نەرسىلەرگە ئىشەنمەيدۇ،" دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارىلاشلىرىنى ئىزچىل ھالدا رەت قىلىپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ تەبىئىي نەتىجسى دەپ كۆرسەتمەكتە.