خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەلق ئىچىدىكى كىتاب - ژۇرناللارنى يىغىۋالىدىغان سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەلق ئىچىدىكى كىتاب - ژۇرناللارنى يىغىۋېلىپ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ گېزىت - ژۇرناللىرىنى تارقىتىدىغان 'شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى' دەپ ئاتالغان سىياسىي ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەر تورىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 10 ‏ - ئاينىڭ 28 ‏ - كۈنى ئۈرۈمچىدە 'كىتاب ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى' ئاچقان ۋە 21 دانە 'شەرق شامىلى' ماركىلىق چوڭ ئاپتوموبىلغا تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى قاچىلاپ 856 يېزا ۋە 8849 كەنتكە ماڭغۇزغان.

بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزىلاردا تارقىتىدىغان تەشۋىقات بۇيۇملىرىنىڭ 56560 ى پارتىيە گېزىتلىرى، 525 مىڭى رەسىملىك تەشۋىقات بۇيۇملىرى ئىكەن. بۇنىڭغا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مالىيىدىن چىقىم قىلغان.

'بوشۈن تور بېتى'دە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە شەخسىيلەرنىڭ 60 تىن ئارتۇق كىتاب - ژۇرنال بوتكىلىرىنى مەجبۇرىي تاقىغان.

مۇخبىرىمىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر قەشقەر، ئاقسۇ، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا 'قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى يىغىۋېلىش' دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرچە دىنىي، تارىخىي كىتابلارنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىشقا باشلىغان.