شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر خور ئۆمىكى ئۇيغۇر مۇقامچىلار ۋە دۇڭزۇ سەنئەتكارلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار پائالىيەتنىڭ كېيىنكى قىسمىدا نومۇر كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"گە ئالاقىدار دەپ قارالغان 9 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى، بىر قىسىمىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ۋە يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان شۇنداق بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنى غەرب ئەللىرىگە ئويۇن قويۇشقا ئېلىپ چىقىشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى ئەجەبلەندۈردى.
بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت: " بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب ئەللىرىدە نومۇسسىزلارچە ئېلىپ بېرىۋاتقان شۇ خىلدىكى تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى" دېدى.
ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق، ئۇلار داۋامىلق تەكىتلەپ كېلىۋاتقان "ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي سىياسىتىگە نارازى بولغۇچىلار ئاز ساندىكى بىر ئوچۇم كىشىلەر" دېگەن مەقىسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ بۇ خىلىدىكى كۆز بويامچىلىق ھەرىكىتىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتەتتى.
دىلشات رىشىت ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەشۋىقات ئارقىلىق ھەقىقەتنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ۋە بۇ خىلدىكى ئالدامچىلىق ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.