خەۋەردە، ۋەقە شاھىتلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، رابىيە قادىر خانىم، "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ئۆزى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىدىغان مېلبۇرن ھۆكۈمەت زالىغا كىرىش ئالدىدا خىتايپەرەس نامايىشچىلار زال يېنىدا نامايىش قىلغان. خىتاي نامايىشچىلار قوللىرىدا پلاكاتلارنى پۇلاڭلىتىپ رابىيە خانىمنى "تېررورچى" دەپ ئەيىبلىگەن.
نەتىجىدە قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈشكەن ئۇيغۇر نامايىشچىلار، ئۇلارغا قارشى شوئارلارنى توۋلاشقان. ئارىدىن بىر ئۇيغۇر خانىم خىتاي نامايىشچىلارغا ئېتىلىپ توقۇنۇشقاندا، كۆزەتتە تۇرغان ساقچىلار تەرىپىدىن ئايرىۋېتىلگەن.
بۇ خىتايلارنىڭ "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق فىلىمگە قارشى كۆرسەتكەن ئاخىرقى تىرىشچانلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.