مەلۇم بولۇشىچە، جۇ فامىلىلىك بۇ خىتاي توقۇنۇش يۈز بەرگەن زاۋۇتنىڭ سابىق ئىشچىسى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 16 - ئىيۇن خىتايچە تور بەتلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن 6 ئوغۇلنىڭ ئىككى نەپەر خىتاي قىزغا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان ۋە مەزكۇر خەۋەر باشقا تور بەتلىرىگە چاپلىغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان جۇ فامىلىلىك خىتاينى توردا "ئۆسەك سۆز ۋە خاتا ئۇچۇر" تارقاتقان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.
گۇئاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۇئەن شەھىرىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش 26 - ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى سەھەر سائەت 2 دە يۈز بەرگەن بولۇپ، توقۇشتا 120 ئەتراپىدا ئادەم يارىلانغانلىقى، بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
توقۇنۇشتا يارىلانغانلار ۋە ئۆلگەنلەر ھەققىدە ھەر خىل سانلىق مەلۇماتلار مەۋجۇت. بوشۈن خەۋەرلەر تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى جەمئىي 18 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ 12 نەپىرى ئۇيغۇر، 6 نەپىرى خىتاي.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شاۋگۇئەندىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا 800 نەپەر ئۇيغۇر ئىشلەۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيىسىدىن بۇ يىل ماي ۋە ئىيۇندا بۇ زاۋۇتقا ئېلىپ كېلىنگەن ئىكەن.