بۇ ماقالىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمىدە نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنى 'بۆلگۈنچىلەر'، ئۇلار 'ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش جىنايىتى ئۆتكۈزدى' دەپ بايان قىلىۋاتسا، ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە خانىم 'ئۇيغۇرلار تىنج ھالدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتا سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەندە، خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىن، ئەسكەرلىرىگە ئۇيغۇرلارنى كېچىدە مۇھاسىرىگە ئېلىپ ئېتىشقا بۇيرۇق قىلدى، دەپ بايان قىلىۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان.
شۇنداقلا يەنە، مۇتەخەسسىسلەر مۇلاھىزىلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە سەۋەپچى بولغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان خاتا سىياسەتلىرىنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ كۆرۈشى كېرەك، دەپ كۆرسەتسە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمىچى ۋەقەسىنى خىتاينىڭ سىياسىتى ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىكى 'جوڭگوغا قارشى كۈچلەر' كەلتۈرۈپ چىقاردى، دەپ جاكارلاۋاتىدۇ؛ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئەركىن پىكىر بايان قىلىشنى قورال كۈچىگە تايىنىپ چەكلەۋاتىدۇ، ئەمدى بۇ ۋەقەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دەپ تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان.