بۇ ئۇقتۇرۇش يېقىندا ئاقسۇنىڭ ئىگەچى مەھەللىسىدە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 7 ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. خىتاي دائىرىلىرى "ئىگەچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، ئاقسۇنىڭ بارلىق قاتناش ئېغىزلىرىنى قامال قىلىپ، ئۆيمۇ - ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ھەم سانى ھازىرغىچە مەلۇم بولمىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بەزى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى باھانە قىلىپ، زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلمايدىغان ئادەتتىكى تىنچ ئۆكتىچى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن. ج خ نازارىتى ئاخبارات باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ھەرىكىتى پەيشەنبە كۈندىن باشلاپ توردا باشلانغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت ئاۋام خەلقنى "زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق" ھەرىكىتىگە قارشى كۈرەشكە سەپەرۋەر قىلىشنى نىشان قىلغان.
ج خ نازارىتى باياناتچىسى بۇ خىل مۇكاپاتلاش ئۇسۇلىنى بۇرۇن قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە قانچە دېلونىڭ پاش قىلىنغانلىقى ۋە پاش قىلغۇچىلارغا قانچىلىك پۇل تارقىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.