پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، خىتاينىڭ كۈنمىڭ دورا شىركىتى ئۆزبېكىستاندا نەپەس - ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغا دورا ياسايدىغان زاۋۇت قۇرىدىكەن. يەنە بىر خىتاي شىركىتى بولسا، مەخسۇس تىببىي ساھەگە ئىشلىتىدىغان ئىسپىرت ئىشلەيدىغان زاۋۇت قۇرىدىكەن.
بۇ زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى تاشكەنتتىكى مەخسۇس سانائەت مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدىكەن.
خىتاي تەرەپ ياساپ بېرىدىغان مەزكۇر ئۈچ تىببىي دورا زاۋۇتىنىڭ ئومۇمىي چىقىم قىممىتى 26 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.