ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيىنىڭ ئورتاق خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى ۋېتنامنىڭ بىر بېلىقچى پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي پاراسىل تاقىم ئاراللىرى رايونىدىكى ئۆزىگە تەۋە رايوندا خىتاي پاراخوتىنىڭ ئوق چىقىرىشىغا ئۇچرىغانلىقى ھەمدە ماتروسلارغا سۇ چاچقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، بۇ ۋەقە 22 - فېۋرال كۈنى يۈزبەرگەن ئىكەن. بىراق «خىتاي ئوكيان» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، جۇڭگو دېڭىز نازارەت باش ئەترىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى بۇنداق ۋەقەنىڭ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ ۋەقەنى ياپونىيە مەتبۇئاتىنىڭ توقۇپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە مەزكۇر ئورگاننىڭ پەقەت دېڭىزدا چارلاش ئېلىپ بېرىپ، قانۇنسىز قىلمىشلارنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
جەنۇبىي پاراسىل ۋە سىپراتىل تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي، ۋېتنام، فىلىپپىن ۋە باشقا بىر قىسىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا جىددىي ئىختىلاپلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىدى. بۇ مەسىلىدە ۋېتنام، خىتاي ھەم فىلىپپىن ئەڭ سەزگۈردۇر. 1974 - يىلى جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرىدا ۋېتنام بىلەن خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى بىر مەيدان دېڭىز ئۇرۇشى قىلغان.