ۋيېتنام خىتاينىڭ ئېتىرازلىرىنى «بىمەنىلىك» دەپ رەت قىلدى

ۋيېتنام جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى چىقارغان «ۋيېتنام دېڭىز تەۋەلىكى قانۇنى» نى ئاقلىدى ۋە خىتاينىڭ ئېتىرازلىرىنى «بىمەنىلىك» دەپ رەت قىلدى.


ۋيېتنام خەلق قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دېڭىز تەۋەلىكى قانۇنىدا يەر ئاستى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى مول پاراسېل ۋە سپارتل ئاراللىرىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋيېتنامنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە چاقىرتقان ۋە ۋيېتنامنىڭ دېڭىز قانۇنىنى «قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

جۈمە كۈنى ۋيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتايغا ئىنكاس قايتۇردى. ۋيېتنام باياناتچىسى لۇڭ تاننىگى: ۋيېتنام خىتاينىڭ بىمەنە قارىلاشلىرىنى كۈچلۈك رەۋىشتە رەت قىلىدۇ، دېدى.

ئۇ يەنە مەزكۇر ئاراللارنىڭ ۋيېتنامنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان تارىخىي ئىسپاتلار بارلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتايمۇ پاراسېل ۋە سپارتل ئاراللىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، مەزكۇر تاقىم ئاراللىرىغا تۇتىشىدىغان ۋيېتنام، برونې، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنى بىئارام قىلغان ئىدى.