خىتاي ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسىگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلدى
2011.09.08
ياۋروپا بىرلىكى باياناتىدا مەزكۇر مۇتەخەسسىسىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئوخشاش ۋاقىتتا مەركىزى نيويوركتا تۇرۇشلۇق «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» ياۋروپا بىرلىكى تەرىپىدىن ياۋرۇپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان بىر مۇتەخەسسىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىدىكى مۇتەخەسسىسكە ۋىزا بەرمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى بۇ تەشكىلات «خىتايغا قارشى بىر تەشكىلات، شۇڭا ئۇنىڭ مۇتەخەسسىسىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دىرېكتورى شارون ھوم باياناتتا بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «بىز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بۇنداق بىر يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇق. ئەمما بىزنى بۇنىڭدىنمۇ بەك ئەپسۇسلاندۇرغىنى، خىتاينىڭ بىزگە ئوخشاش بىتەرەپ، مۇستەقىل ئاۋازلارنى خىتايغا قارشى تۇرغۇچىلار دەپ قارىلاشتا غەلىبە قازىنىۋاتقانلىقى بولماقتا» دېگەن.
ياۋرۇپا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى يىغىنى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىن چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئاياغلاشقان. يىغىندا خىتاينىڭ سەھىيە ساھەسىدىكى مەسىلىلەر، كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېخنولوگىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان. يىغىنغا ياۋروپا، خىتاي ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بولۇپ 50 تىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى قاتناشقان.
خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى بىلەن بۇنداق كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل سۆھبەتلەرنىڭ بىر نەتىجە ھاسىل قىلالمايۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر كۆپ قېتىم بۇ خىل سۆھبەتلەرنى ئەمەلىي نەتىجە يارىتالماسلىق بىلەن تەنقىدلىگەن ئىدى.