ۋاڭ لېچۇئەن دۈشەنبىنى زىيارەت قىلدى

تاجىكىستان ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ ئەزاسى، ۋاڭ لېچۇئەننىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 - ئىيۇندىن 5 - ئىيۇنغىچە تاجىكىستاننى زىيارەت قىلغان.

ۋاڭ لېچۇئەن تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمامئەلى راخمان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەتتە بولغان ھەمدە بىر قاتار كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

تاجىكىستاننىڭ ئاسىيا - پلۇس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئالتە خىل كېلىشىمگە ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ كېلىشىملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى سودا - ئىقتىساد، زاۋۇت قۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ھەم ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى قۇرۇش قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يەنە تاجىكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تەخنىكا كومىتېتىنىڭ ھەمكارلىقىغا ئائىت كېلىشىملەرمۇ ھاسىل قىلىنغان.

تاجىكىستاننىڭ بەدەخشان رايونىدىكى مۇرغابتا خىتاي تەرەپ بىلەن بىرلىشىپ سودا - قاتناش نۇقتىسى قۇرۇش ھەمدە خىتاي تەرەپ بىلەن تۇتىشىدىغان تاش يولنى ياساش قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغان. تاجىكىستان ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي تەرەپ بىلەن تاجىكىستان تەرەپ يەنە بىرلەشمە ئۇران قېزىش جەھەتتە ھەمكارلىشىش ھەققىدىمۇ سۆھبەت قىلغان.

خىتاينىڭ تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىمۇ ۋاڭ لېچۇئەن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەكىللىرىنىڭ تاجىكىستاننى غەلىبىلىك زىيارەت قىلىپ، كېلىشىملەر ھاسىل قىلغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي قازاقىستان، تاجىكىستان قاتارلىق ئۇران چىقىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئۇران قېزىش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

بىراق، تاجىكىستان خەۋەرلىرىدە ۋاڭ لېچۇئەن بىلەن ئېمامئەلى راخماننىڭ شەرقىي تۈركىستان نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىش مەسىلىلىرىنى يەنە مۇزاكىرە قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار يوق. ئەمما، ئىككى دۆلەت بۇ ساھەدە زىچ ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋاڭ لېچۇئەننىڭ دۈشەنبە زىيارىتىدىن ئىلگىرى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل تاجىكىستانغا كېلىپ، بۇ دۆلەت بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھەلەر بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.