خىتاي موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئەسىرىنى چىڭ سۇلالىسى تەزكىرىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، تەرجىمە قىلماقتا

يېقىندا باي ناھىيىلىك ھۆكۈمەت موللا مۇسا سايرامىنىڭ" تارىخي ھەمىدى " ۋە "تارىخىي ئەمىنىيە" ناملىق ئىككى ئەسىرىنى خىتاي دۆلەتلىك چىڭ سۇلالىسى تارىخى ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىش كومىتېتىغا يوللاپ، ئۇنى چىڭ سۇلالىسى تارىخىي تەزكىرىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىشنى تەلەپ قىلغان ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كوپ ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن، شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئورگان شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە ئەسەرنى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا ھاۋا قىلغان. ھازىر تەرجىمىسى ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى ئەسەرنىڭ خىتايچە نۇسخىسى نەشىر قىلىنىدىكەن.

مەلۇمكى، موللا مۇسا سايرامى باي ناھىيىسىدە ياشاپ ئۆتكەن يېقىنقى زاماندىكى مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى، ئۇنىڭ "تارىخىي ھەمىدى" ۋە "تارىخى ئەمىنىيە" ناملىق كىتابلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ۋە يېقىنقى زامان سىياسىي تارىخىنى بىلىشتە مۇھىم مەنبە بولۇپ ھېسابلانغان بولغاچقا، رۇسىيە تارىخچىلىرى 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدىلا بۇ ئەسەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.

بۇ ئىككى كىتاب ئىلگىرى كېيىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىندى ۋە ئىلىم دۇنياسىغا تېخىمۇ بەكرەك تونۇلغان ئىدى . ئەمما، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو ئالىملىرى بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدىلا بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىدېئولوگىيىلىك سەۋەب تۈپەيلىدىن ئەسەرنى نەشىر قىلىش ھەم تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلمەي كەلگەن ئىكەن. دېمەك، بۇ ئەسەر دۇنياغا كېلىپ، بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىش قارارىغا كەلگەن.

ئەلۋەتتە، موللا مۇسا سايرامى ئۆز ئەسىرنى چىڭ سۇلالىسى تارىخىي ماتېرىياللىرى دەپ قارىمىغان بولۇپ، ئۇ 19 - ئەسىردە ئاقسۇ، قەشقەر ۋە باشقا جايلاردا يۈز بەرگەن مەنچىڭ سۇلالىسىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلارنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، بۇ ئەسەر شۇ مەزگىلدىكى ۋەقەلەرنى ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىجتىمائىي - سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىي ھاياتىنى چۈشىنىشتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى يېزىپ قالدۇرغان مۇھىم تارىخىي مەنبەدۇر.