خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ يۇقىرىقىلارنى ئامېرىكا كابېل خەۋەرلەر تورىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەتتە ئوتتۇزغا قويغان بولۇپ، ئۇ سۆھبەت جەرياندا 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسى قاتارلىق نازۇك تېمىلاردىكى سوئاللارغا دۇچ كەلگەن.
ۋېن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ ساۋاقلىرى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مەزكۇر سۇئالىنىڭ نېگىزىنىڭ خىتايدىكى دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى، خىتايدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دېموكراتىك سايلام سىستېمىسىنى ئاستا - ئاستا يولغا قويۇش، ئىككىنچىدىن قانۇن ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىنى ئىلغارلاشتۇرۇش، ئۈچىنچىدىن خىتايدا ھۆكۈمەت، ئاخبارات قاتارلىقلارغا پۇقرالارنىڭ نازارەتچىلىك قىلىشى قاتارلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىدىيە تەييارلىقى بارلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق ھەر تەرەپتىن ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، 19 - سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان بۇ يىللىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكى تەنقىدلەنگەن.