باش شتابى خوڭكوڭغا جايلاشقان جۇڭگودىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى ۋە ئوز تەشكىلاتى تور بېتىنىڭمۇ شۇ خىلدىكى ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ تور بېتى شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ھۇجۇمغا ئۇچراشقا باشلاپ، ھۇجۇم ئۇدا 14 سائەت داۋام قىلغان.
ئۇلار ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر، ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تور بەتلىرىدىن سەنيۈ تورى، ھوقۇق ۋە ھاياتنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تورى، يېڭى ئېرا خەۋەرلەر تورى ۋە خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ تور بەتلىرى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
جۇڭگودىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر باياناتى، گوگۇل شىركىتىنىڭ خىتايدا ھۇجۇمغا ئۇچراش مەسىلىسى تۈپەيلى ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا جىددىي دىپلوماتىك سۈركىلىش كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
ئالدىنقى ھەپتە گۇگۇل شىركىتى خىتايدىكى ئابۇنىلىرىنىڭ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گوگۇل يەنە، ئەگەر خىتايدا گۇگۇلغا قارىتىلغان چەكلەش ۋە ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلمىسە خىتايدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى خىتاينى ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئەركىن قويۇۋېتىشكە چاقىرغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ كلىنتون خانىمنىڭ پىكرىنى رەت قىلغان ئىدى.