ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "شىنجاڭ"دىكى سوتنى كۆزىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فىلىپ كروۋلىي مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: "بىز خىتاينى تۇتقۇندىكىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىدە ۋە سوت جەريانىدا ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىمىز".
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى يەنە 4 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ سانى 26 گە يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلار ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئاز كەم 200 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ خىتايلارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينى ۋەقەدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ۋەقەدە زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلىقى ھازىرغا قەدەر مەلۇم ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى مەزگىلدە ئاز دېگەندە 1400 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ نەچچە مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى، ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.