بېيجىڭدا پاسخا بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن جەم بولغان خرىستىيانلار تارقىتىۋېتىلدى

يەكشەنبە كۈنى خرىستىئانلارنى پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان خرىستىئان مۇرىتلىرى خىتاي پايتەختى بېيجىڭ شەھىرىدە ساقچىلار تەرىپىدىن زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى كەم دېگەندە 30 نەپەر خرىستىئان مۇرىتىنى تۇتۇپ كەتكەن ھەمدە دىنىي پائالىيەتنى تارقىتىۋەتكەن .

ئامېرىكىدىكى خرىستىئان دىنىي تەشكىلاتى «خىتايغا ياردەم» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاز دېگەندە 34 ئادەم تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، بېيجىڭدىكى يەر ئاستى خرىستىئان دىنى تەشكىلاتى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان ھەر يەكشەنبە كۈنى پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار تەرىپىدىن بىردەك تارقىتىۋېتىلگەن ھەمدە يەكشەنبە كۈنى ئۇلارنىڭ پوپى جىن تيەنمېن باشلىق 500 ئەتراپىدا مۇرت ئۆز ئۆيلىرىدە چەكلەپ قويۇلغان.

گۇاڭجۇ ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن جەم بولۇشىمۇ توسۇپ قويۇلغان ئىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ھازىر پۈتۈن خىتايدا 60 مىليون ئەتراپىدا خرىستىئان مۇرىتى بار بولۇپ، ئۇلار يەر ئاستى چېركاۋلىرىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىكەن.

يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن دۇنيا خرىستىئانلىرىنىڭ پاسخا بايرىمى كۈنى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋاتىكان پوپى 16-بېنېدىكىت نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە سۆزىدە لىۋىيىدىكى توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ۋاتىكان ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دىنىي ئەركىنلىككە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.