ەلق تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالغا ئىشچى قوبۇل قىلىش چوڭ يىغىنى 25-ئىيۇن كۈنى قەشقەر ۋە ئاتۇش شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ ئورگان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى 66 خۇسۇسىي كارخانىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر 66 كارخانا 102 خىزمەت تۈرى بويىچە 13 مىڭ 48 ئىش ئورنىغا ئىشچى قوبۇل قىلىدىكەن.
مەزكۇر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش چوڭ يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ۋە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىغا قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مەمۇرىي مەھكىمە ئورگانلىرىمۇ بىۋاسىتە ئارىلاشقان ھەمدە تىزىملاش ئېلىپ بارغان. دەسلەپكى قەدەمدە قەشقەردىن 2346 نەپەر، قىزىلسۇدىن 2179 نەپەر ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ھەم «يېزا ئېشىنچا» ئەمگەكچىلىرى قاتارلىقلار شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن 66 كارخانا بىلەن نەق مەيداندا خىزمەت توختامى تۈزگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يەنە زور ساندىكى ئەمگەك كۈچلىرى نۆۋەت كۈتمەكتە. بۇلاردىن باشقا يەنە يوپۇرغا ناھىيىسىمۇ ئۈرۈمچىدىكى تۆت كارخانا بىلەنمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك خىزمەتچى قوبۇل قىلىش توختامى تۈزگەن.
بىراق، ھازىرچە مەزكۇر خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا مىللەت نىسبىتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق يۈرگۈزگۈچى ئاساسىي مىللىتى دەپ ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرىلىقى ئۇزۇندىن بۇيان دائىم تىلغا ئېلىنىۋاتقان مەسىلە ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاۋۇت-فابرىكا قاتارلىق تۈرلۈك مەمۇرىي ۋە كارخانا خىزمەت ئورۇنلىرىدا خىتايلارنىڭ نىسبىتى ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش باشلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەزكۇر ئەمگەكچىلەرنى ئىچكىرىگە ئەمەس ، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپلىرىمۇ كۈچەيگەن ئىدى.