" 10 مەشھۇر ياش" بېكىتىلگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى "شىنجاڭدىكى 10 مەشھۇر ياش" نى باھالاش پائالىيىتى ئىزچىل داۋاملاشماقتا ھەمدە 24 - ئۆكتەبىر كۈنى، ئاخىرى ئەڭ مەشھۇر 10 نەپەر ياش بېكىتىلىپ، ئۇلارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر 10 نەپەر ياشنىڭ تۆت نەپىرى ئۇيغۇر، بىر نەپىرى قازاق بولۇپ، بەش نەپىرى خەنزۇدۇر. نوپۇس بويىچە ئالغاندا، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ كۆپ ۋە ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈش سالاھىيىتى ئېتىراپ قىلىنغان مىللەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، "مەشھۇر ياش" سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرنىڭ سانى يەنىلا خەنزۇلاردىن كېيىن تۇرغان.

تىزىملىككە قارىغاندا، تۆت نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىر نەپىرى ئىلىم ساھەسىدە تونۇلغان پروفېسسور بولۇپ، تىببى پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئەخمەتجان يۈسۈپتۇر. ئۇ، سۆڭەك كېسەللىكلىرى بويىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا تونۇلغان ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭ تىببىي ئىنستىتۇتىنىڭ قارمىغىدىكى دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈمەكتە. قالغان ئۇچ نەپەر ئۇيغۇر، ئاخبارات، ھەربىي ھەم سودا - سېتىق ساھەسىگە مەنسۇپتۇر.

ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، ھەر قېتىملىق مەشھۇر ياشلارنى تاللاشتا ئىلمىي ئۇنۋانى يۇقىرى ياش ئالىملاردىن بىرەرسى بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشىپ كەلمەكتە. تۇنجى قېتىم مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى خالمۇرات غوپۇر بۇ سالاھىيەتكە ئېرىشكەن.

ئىلىم پەننىڭ ھەرقايسى ساھەسى بويىچە ئۇيغۇر ئېلى، بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە باشقا خىتاي شەھەرلىرى، رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرى، ئامېرىكا، ياپونىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ھەم باشقا مەملىكەتلەردە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، پەن - تېخنىكىغا ھەسسە قوشقان ھەم قوشۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك ئۇچۇرلار بار.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن بىرى شۆھرەت مۇتەللىپوۋ ئەنە شۇ دۇنياۋى نەتىجە قازانغان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرىدۇر.