ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپون دائىرىلىرى ئېلان قىلغان ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسى ئاساسەن خىتاينى نىشان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان تالاش-تارتىشتىكى ئاراللارنى بېسىۋېلىش ئېھتىمالىغا قارشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر بېكىتىلگەن ۋە ياپونىيە ھاۋا، قۇرۇقلۇق، دېڭىز قىسىملىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۇنىۋېرسال مۇداپىئە سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ كەلگۈسى 10-20-يىل ئىچىدە پەيدا بولۇشى مۇمكىن بولغان يېڭى ۋەزىيەتكە قارىتا ئىستراتېگىيىلەر بەلگىلەنگەن ئىكەن.
گەرچە، مەزكۇر مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىدە ياپونىيە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەتلەر ئارىسىدا رۇسىيە ۋە شىمالىي كورىيىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاساسلىق نىشانى يەنىلا خىتاي ئىكەن.
خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى ئەلچىخانىسى بۈگۈن بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا يۇقىرىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇ خىل خىتاينى قەستەن تەھدىت قىلىپ كۆرسىتىش، مەقسەتلىك قىلىنغان قۇتراتقۇلۇق» دېدى.
ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسى سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ قالغاندىن بېرى، ياپونىيە مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىمۇ كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.