ياپونىيە خىتايدىن ياپون شېركەتلىرىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقچى

ياپونىيىنىڭ ھېيۋادۇ سودا سارايلار زەنجىرى خىتايدا ئاچقان 3 سودا ساراي ئۆتكەن ھەپتىلەردە يۈز بەرگەن ياپونغا قارشى نارازىلىق نامايىشلاردا نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 6 يېرىم مىليون دوللارغا يېقىن زىيان تارتقان.


مەزكۇر سودا سارايلارنىڭ باشلىقى خىراكازۇ ناتسۇخارانىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى سودا سارايغا ھۇجۇم قىلغان نامايىشچىلار ئىسكىلاتتىكى ماللارنىمۇ ئوغرىلاپ كەتكەنلىكتىن، دۇكاننىڭ ئومۇمىي چىقىمى 500 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

ياپونىيە - خىتاي ئارىسىدىكى ئارال تالاش - تارتىشى ئۆتكۈرلەشكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ بىر قانچە ئۆلكىلىرىدە ياپونغا قارشى نامايىشلار يۈز بەرگەن ئىدى. نامايىشلاردىكى زوراۋانلىق ئۇرۇپ - چېقىشتىن ھالقىپ، شۇ جايلاردا تۇرۇشلۇق ياپون پۇقرالىرىغا ۋە ياپون ئەلچىلىكىنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا بېرىپ يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ياپون دائىرىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ياپون پۇقرالىرى ۋە شېركەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئەمما، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە خىتاي كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا ھېچقانداق دېموكراتىيىلىك نامايىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىدەك بىر پاكىتنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ياپونغا قارشى نامايىشلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۈشكۈرتۈلگەن پىلانلىق نامايىشلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي نامايىشچىلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى تەنقىد قىلىنغان ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپون ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ياپون شىركەتلىرى تارتقان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تىجارەتنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 340 مىليارد دوللار بولۇپ، دىپلوماتىيىلىك سۈركىلىش ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر يەتكۈزگەن. تويوتا ۋە نىسسان شېركەتلىرى خىتايدا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.