ياپونىيە دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى خىتايغا كۆز-كۆز قىلدى

ياپونىيە تۈنۈگۈن دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى؛ مانېۋىرغا ياپونىيىنىڭ 40 تىن ئارتۇق ھەرخىل تىپتىكى ھەربىي پاراخوتلىرى قاتناشتۇرۇلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، مانېۋىردا مەيدانغا چۈشكەن پاراخوتلار ئارىسىدا، يىراق قىرغاقنى قارىغا ئالالايدىغان ۋە زامانىۋى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىمۇ ۋەيران قىلالايدىغان، قوغلىغۇچى پاراخوتلار بولۇپ، ئۇرۇشچى ئايروپىلانلارمۇ قاتناشتۇرۇلغان. مانېۋىرغا يەنە ئامېرىكا، سىنگاپور ۋە ئاۋسترالىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىمۇ قاتناشقان.

مانېۋىرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان ۋە مانېۋىرنىڭ جەريانىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. مۇراسىمدا سۆز قىلغان ياپونىيە باش مىنىستىرى يوشىخىكو نودا، ياپونىيە دېڭىز بىخەتەرلىكىنىڭ ئېغىر شەكىلدە تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان؛ ئەمما، تەھدىتنىڭ قايسى تەرەپتىن كېلىۋاتقانلىقى ئۈستىدە توختالمىغان.

نودا سۆزىدە يەنە، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەتتىكى يېڭى مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇشقا چاقىرغان. مانېۋىر ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سېنكاكۇ ئارىلى تالاش-تارتىشى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، مەزكۇر مانېۋىر ياپونىيىنىڭ خىتايغا كۈچ كۆرسىتىشى دەپ قارالماقتا.