«ۋال سترىت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يېڭى رادار سىستېمىسى 2006 - يىلىدىن بۇيان ياپونىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان X - دولقۇن مىكرو دولقۇنلۇق رادار سىستېمىسىغا سەپلىنىدىكەن.
«خىتاي كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھەربىي مۇلاھىزىچىلىرى مەزكۇر رادار سىستېمىسىنىڭ خىتايدىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسۇش ئۈچۈن ئورنىتىلغانلىقىنى تەخمىن قىلغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتى تەتقىقات كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى لى چىڭگوڭ بۇ رادار سىستېمىسىنىڭ خىتاينىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىدىن ئېتىلغان بومبىلارنىمۇ كۆزىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لى چىڭگوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر رادار سىستېمىسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، بۇ سېسىتما ئېتىلغان بومبىلارنى بايقاش، ئېتىلىش يۆلىنىشنى بېكىتىش ۋە تىپىنى ئايرىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: بۇ رادار سىستېمىسى شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا قارىتا ئىشلىتىلسە «پاشنى زەمبىرەكتە ئاتقاندەك» ئىش بولىدۇ. بۇ سىستېما ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىغا قارىتىلغان دەپ قارايمەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرى بۇ خىلدىكى ئالدىن بايقاش رادار سىستېمىسىنىڭ يەنە خىتاي بىلەن زېمىن دەتالىشى كۈچىيىۋاتقان فىلىپپىنغىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.