بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما مۇشۇ جۈمە كۈنى، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن يىغىن ئۆتكۈزىدىكەن ۋە يىغىندا شەرقى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا جۈمە كۈندىكى يىغىندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكتە شەرقى دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدە بىر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىدىكەن.
ۋاشىنگتوندا تەييارلانغان باياناتنىڭ لايىھىسىدە، شەرقى دېڭىز مەسىلىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش، خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىش ۋە دېڭىز سەپىرى ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي خانىم 7 - ئايدا ۋېيتنامدا قىلغان سۆزىدە، شەرقى دېڭىز مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە شۇ چاغدىمۇ خىتاي تەرەپ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي باياناتچى بۈگۈنكى سۆزىدە، شەرقى دېڭىز مەسىلىسىنى پەقەت تالاش - تارتىشتىكى ئاراللار بىلەن تۇتىشىدىغانلا دۆلەتلەرنىڭ سۆزلىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.