ۋېن جياباۋ نيۇيوركقا يېتىپ كېلىپلا ياپونىيىگە تەھدىت سالدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ تۈنۈگۈن نيۇيوركقا يېتىپ بېرىپلا 'ئەگەر توكيو خىتاينىڭ كېمە باشلىقىنى دەرھال قويۇپ بەرمىسە، تالاش - تارتىشتىكى ئاراللار ئۈستىدە داۋاملىشىۋاتقان ئېلىشىشنىڭ دەرىجىسى ئۆرلەيدۇ' دەپ ياپونىيىگە تەھدىت سالدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋېن جياباۋنىڭ نيۇيوركتا قىلغان بۇ سۆزى، خىتاي تەرەپ ھازىر، ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئالى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە بۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدە داۋاملىشىۋاتقان مىنىستىر دەرىجىلىك ماجرا ھازىر دەرىجىسى ئۆرلەپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان بىۋاستە ماجراغا ئايلاندى.

بوشۈن تور گېزىتى، ۋېن جياباۋ تۈنۈگۈن كەچتە نيۇيورك شەھىرىنىڭ مانخاتتون رايونىدىكى مېدوۋ مېھمانخانىسىغا كېتىۋاتقاندا، خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسى، پۇقرالار ھوقۇقى، فالۇنگۇڭ ۋە تىبەت ياشلىرى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ نامايىشچىلار قوشۇنى قارشىلىق ئىپادىلىگەن ۋە لەنەت ياغدۇرغان كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلدى.