خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ياپونىيىگە ئېكسپورت قىلىنغان سۇمانتىسى تەركىبىگە زەھەرلىك ماددا قوشۇۋەتكۈچى لۇ يۆتىڭ ئىسىملىك خىتاي پۇقراسى بولۇپ، ئۇ خېبېي ئۆلكىسىگە جايلاشقان بىر يېمەكلىك شىركىتىدە ئىشلىگەن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، لۇ، شىركەت ئۇنىڭغا بەرگەن مائاشقا نارازى بولۇپ، شىركەتتىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە سۇمانتىسىغا زەھەر قوشۇپ تۈگكەن ئىكەن.
مەزكۇر خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى ھاتوياما خىتاينىڭ ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى مەدھىيىلىگەن.
2008 - يىلى ياپونىيىدە يۈز بەرگەن زەھەرلىك سۇمانتىسى ۋەقەسى ياپونىيە پۇقرالىرى ئارىسىدا خىتاي ماللىرىغا ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلغان ئىدى.
