يەكشەنبە كۈنى خىتاي ۋە ياپونىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى ئارىسىدا رەسمىي سۆھبەت باشلانغان بولۇپ، بۇ سۆھبەتكە خىتاي تەرەپتىن مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاڭ چىشان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى، سودا مىنىستىرى چېن دېمىن قاتارلىقلار، ياپونىيە تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، سودا ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى ھەم باشقىلار قاتناشقان.
ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ سودا - ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە رايون خاراكتېرلىق سىياسىي مەسىلىلەردىن شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا پىيوڭيانغا نىسبەتەن قانداق چارە قوللىنىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئىككى دۆلەت سودا مىنىستىرلىرى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە يىرىكلىشىش كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ 2 - جاھان ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىشى، تارىخ دەرسىنى ئۆزگەرتىشى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ زەھەرلەنگەن جۇۋاۋا قاتارلىق يېمەكلىرىنىڭ ياپونىيە بازىرىغا كىرىشى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سوغۇقچىلىقلار ئاشقان ئىدى. شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىدىمۇ ياپونىيە تەرەپ خىتايغا گۇمان بىلەن مۇئامىلە قىلغان ئىدى.