خىتاي ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مەدەنلەرنى ياپونىيىگە ئېكسپورت قىلىشنى توختاتقان

خىتاي ياپونىيە مۇناسىۋىتى سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خىتاي بېلىقچىلار كېمىسى كاپىتانىنىڭ ياپونىيە تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن جىددىيلىشىپ كەتكەن بىر پەيتتە، خىتاينىڭ ئاز ئۇچرايدىغان مەدەنلەرنى ياپونىيىگە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتايدىن چىقىدىغان بۇ خىل مەدەنلەرنىڭ 50 پىرسەنتىنى ياپونىيە ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل مەدەنلەر كومپيۇتېر قاتتىق دېتالى، ئالىي سۈپەتلىك كوندۇكتور (ئۆتكۈزگۈچ)، يېقىلغۇ تېجەشلىك ئېلېكتىر ئاپتوموبىلى، يانفون ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە سودا ئورۇنلىرى بۇ خىل مەدەنلەرنى ياپونىيىگە توشۇشنىڭ توختىتىلغانلىقى ھەققىدە خىتاي تەرەپتىن ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقى، لېكىن خىتاي تەرەپ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيىنىڭ بىر سودا ئورنى "ئاز ئۇچرايدىغان مەدەنلەرنى ئېكسپورت قىلىشنىڭ سەيشەنبە كۈندىن باشلاپ توختىتىلغانلىقى، لېكىن بۇنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكى"نى تەكىتلىگەن.

ياپونىيە سودا مىنىستىرى ئوخاتا، ئاز ئۇچرايدىغان بەزى مەدەنلەرنى ياپونىيىگە ئېكسپورت قىلىشنىڭ توختىتىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭدا دائىر رەسمىي ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە سودا ساھەسىدىكى بەزى دائىرىلەر، خىتاينىڭ 2010‏ - يىلى ئىچىدە دۇنياغا ئاز ئۇچرايدىغان مەدەنلەردىن 30 مىڭ توننا ئېكسپورت قىلىشنى بەلگىلىگەنلىكى، بۇنىڭ 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى توشقانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن بەزى ئانالىزچىلار بۇنىڭ خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كەتكەن مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.