خىتاي، رابىيە خانىمنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان ياپونلۇق تەرەپلەرنى ئەيىبلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، رابىيە خانىمنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان ياپونىيىلىك تەرەپلەرنى ئەيىبلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.10.22

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلغان شۇ كۈنى رابىيە خانىم ياپونىيىنىڭ كاگۇشىما ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ياپونىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە، خىتاينى "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" ئۈستىدىن خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشقا قايىل قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما جاۋشۇي بىر مۇخبىرنىڭ "خىتاي دائىم باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. لېكىن ياپونىيىنىڭ رابىيە قادىرغا ۋىزا بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى. بۇنىڭغا نېمە دەيسىز ؟ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، رابىيە خانىمنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان ياپونىيىلىك تەرەپلەرنى تەنقىدلىگەن.

ما مۇنداق دېگەن: "ياپونىيىدىكى بەزى كۈچلەرنىڭ ئۇنىڭ ياپونىيىنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگوغا قارشى پائالىيەتلەردە بولۇشىنى پىلان قىلغانلىقىغا قارىتا، ئەلۋەتتە بىز ئۆز نارازىلىقىمىزنى، مىللىي بىرلىكىمىزنى بۆلۈشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىمىز نى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز."

ما جاۋشۇي يەنە، رابىيە خانىمنىڭ مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. رابىيە خانىم بولسا يېقىندا گېرمانىيىنىڭ فرانكفورد شەھىرىدە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن ئوتتۇرىدىكى مەسىلىنى تىنچ ۋە سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشقا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

توكيو ھۆكۈمىتى رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، ياپونىيىنىڭ ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن رابىيە خانىمغا ۋىزا بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.