ياپونىيىگە قارشى نامايىشتا 'چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش' شوئارى مەيدانغا چىققان
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.10.24
2010.10.24
رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لەنجۇ شەھىرىدە 200 ئەتراپىدا نامايىشچى ئۆز ھۆكۈمىتىنى ياپونىيىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ، نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. نامايىشچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ياشلار ئىكەن.
بۇ كۈنى يەنە، باۋجى شەھرىدىمۇ نامايىش يۈز بەرگەن. بىراق، باۋجىدىكى نامايىشچىلارنىڭ تىغ ئۇچى ياپونغىلا ئەمەس، بەلكى چىرىك بىيوكراتلارغىمۇ قارىتىلغان. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، باۋجىدىكى نامايىشتا "بىيوكراتلارغا قارشى تۇرايلى، چىرىكلىككە قارشى تۇرايلى" دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار كۆتۈرۈلگەن. باۋجىدىكى نامايىشچىلار يەنە "يۇقىرى ئۆي باھاسىغا قارشى تۇرايلى" دېگەن كۆك رەڭلىك لوزۇنكا بىلەن "كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرىلىتەيلى" دېگەندەك يېشىل رەڭلىك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ئىكەن.
تەھلىل قىلىنىشىچە، ياپونغا قارشى نامايىشلاردا مەزكۇر لوزۇنكىلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن كېيىن، بەلكى بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ياپونغا قارشى نامايىشلارغا نىسبەتەن سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچكى مەسىلىلەرگە قارشى نامايىشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى مۇمكىن ئىكەن.