مىنباۋ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىراق جۇڭگو ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ياپونىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ خوڭكوڭدا توختاپ ئۆتۈش تەلىپىنى رەت قىلىۋېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرمىگەن. بۇ پاراخوتلار 13 دۆلەتتىكى ھەربىي مانېۋىرلارغا قاتنىشىپ قايتقان ئىكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيىنىڭ " ئاساھى شىمبۇن" گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەسلىدە بۇ پاراخوتلىرىنى خوڭكوڭدا توختىتىشنى ئويلاشمىغان، بىراق، ئىككى دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھەمكارلىقلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، ۋاقىتلىق تۈردە جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن بۇ پاراخوتلارنى خوڭكوڭدا توختىتىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما، بىراقلا رەت قىلىشقا دۇچ كەلگەن.
خەۋەردە يېزىلىشىچە، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى تاكى 16 - ئاۋغۇستقىچە بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلمىغان. ياپونىيە گېزىتىدە يېزىلىشىچە، بىر ياپونىيىلىك تەھلىلچى خىتاينىڭ رەت قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، بۇ ياپونىيە تەرەپنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ياپونىيىگە كېلىشىگە ۋىزا بەرگەنلىكى ھەمدە سابىق تەيۋەن پرېزىدېنتى لى دېڭخۇينىڭ 9 - ئايدا ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ پەرەز قىلغان.