ياپونىيە خىتايغا يېقىن ئارالغا ھەربىي قوشۇن ئەۋەتمەكچى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي دېڭىزدىكى ئاراللاردا ھەربىي قوشۇن تۇرغۇزۇشنى پىلانلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنى قوغداش كۈچلىرىنىڭ 100 نەپەر ھەربىي خادىمىنى تەيۋەندىن 110 كىلومېتىر، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تالاش-تارتىش ئۈستىدە تۇرىۋاتقان سېنكاكو ئارىلىدىن 160 كىلومېتىر نېرىغا جايلاشقان يوناگۇنى ئارىلىغا ئەۋەتىشنى قارار قىلغان. بۇ پىلان 2014-يىلى ئەتراپىدا ئەمەلىيلەشتۈرىلىدىكەن. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ ياپونىيىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتايغا يېقىن دېڭىز رايونىغا جايلاشقان ئاراللارغا ئۆز ھەربىي قوشۇنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

يوناگۇنى ئارىلى تىنچ ئوكياندىكى ئوكىناۋا تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئوكىناۋا ياپونىيىنىڭ بىر رايونى بولسىمۇ، ئەمما، بۇ يەردە ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ ھەربىي بازىسى بار شۇنىڭدەك يەنە مەزكۇر جايدا 2100 ئەتراپىدا ياپون ئەسكىرىمۇ ئورۇنلاشقان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا سېنكاكو ئارىلى ئەتراپىدا پاراخوت سوقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپ كۈچەيگەن. خىتاي ۋە ياپونىيىدە بىر-بىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ياپونىيە ئىزچىل تۈردە شەرقىي دېڭىزدىكى سېنكاكو ئارىلىنى ئۆز زېمىن دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ بولسا، بۇ رايونلارنىڭ ئۆز تەۋەلىكى دائىرىسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.