27-فېۋرال كۈنى ساقچىلار «يەسىمەن گۈلى» ئىنقىلابى قىلىش تىزىملىكىدىكى شەھەرلەردە قامال قىلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بەزى شەھەرلەردە تۇتقۇن قىلىشلار بولغان.
ساقچىلار ئادەملەرنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىغا، ھەتتا يول ئۈستىدە توختىشىغىمۇ رۇخسەت قىلمىغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭدا ئىككى ئادەم، شاڭخەيدە 4 ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭ ۋاڭفۇجىڭدىكى ئۆتكەن ھەپتە يىغىلىش بولغان ماكىدولنادس رېستورانىنىڭ ئالدىدىكى جاينى تاقىۋەتكەن.
گۇاڭجوۋ شەھىرىدىكى يىغىلىش چاقىردىكى خەلق باغچىسى ۋە تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئەتراپىغا كۆپ ساندا ساقچى ئاپتوموبىللىرى توختىغان بولۇپ، ساقچىلار مەيداننى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتكەن.
شاڭخەي شەھىرى ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى كوچىغا چىققان ئادەملەرمۇ باشقىچە كۆپىيىپ كەتكەن. ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ سىگنال ئاۋازلىرى كىشىلەرگە جىددىيلىك بېرىپ تۇرغان.
ئۈرۈمچى 27-فېۋرال «يەسىمەن گۈلى» ئىنقىلابى قىلىش تىزىملىكىدىكى شەھەر بولۇپ، ئەمما، بۇ شەھەردە بۈگۈن قانداق ۋەزىيەت داۋاملىشىۋاتقانلىقى نامەلۇم، بىراق ئۈرۈمچى بۇرۇندىنلا جىددىيچىلىك ئىچىدىكى شەھەر بولۇپ، ساقچىلار ۋە چارلاش ئەترەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ مەزكۇر شەھەرنى ئىزچىل تۈردە قاتتىق قامال ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى.