ياۋروپا دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىق تەلىپىنى رەت قىلدى

ياۋروپا دىپلوماتلىرى خىتاينىڭ كېلەر ئاي 10 ‏- دېكابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىق تەلىپىنى رەت قىلىپ، بۇ يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيىنىڭ ئوسلودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى جېين فېدىرىك "بىزنىڭ مەيدانىمىز ئېنىق، بىز ھەر يىلى قاتنىشىپ كېلىۋاتقاندەك بۇ يىلمۇ قاتنىشىمىز" دېگەن.

جېين فېدىرىكنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلار ئوسلودىكى باشقا ياۋروپا ئەللىرى ئەلچىخانىلىرى بىلەن خىتاينىڭ مۇراسىمغا قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلىپ يازغان خېتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. ئوسلودىكى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىلى خىتاينىڭ خېتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، "خىتاي بۇ مەسىلىنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويدى. لېكىن، نورۋېگىيىدە تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئەلچىسىنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى نورمال ئەھۋال. باش ئەلچى بۇ يىلمۇ مۇراسىمغا قاتنىشىشى مۇمكىن" دەپ تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئوسلودىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان باشقا بىر ياۋروپا دىپلوماتىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئەسكەرتىشىچە، نۇرغۇن ياۋروپا ئەللىرى بۇ يىلمۇ ئادەتتىكىدەك نورمال خىزمەت قائىدىسىنى قىلىپ، 10 - دېكابىردىكى مۇراسىمغا قاتنىشىۋېرىشى مۇمكىن.

خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يېقىندىن بېرى ئوسلو ۋە بېيجىڭدىكى ياۋروپا ئەللىرى دىپلوماتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ۋە ئۇلارغا خەت يېزىپ، ليۇ شاۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلغان. لېكىن نوبېل كومىتېتىنىڭ كاتىپى لۇندىستاد جۈمە كۈنى نورۋېگىيىنىڭ "ئافتېنپوستېن" گېزىتىگە بايانات بېرىپ، "مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مۇراسىم دەبدەبىلىك بولىدۇ ۋە مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن (ئوسلو) شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىنىڭ ئورۇندۇقىنى تالىشىش كۈرىشى يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز" دېگەن.