خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ ساركوزىينىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىش قارارنىڭ خىتاينى بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشتىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تىبەت مەسىلىسىنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فرانسىيە پرېزىدېنت ساركوزىي بۇ يىل 6 - دېكابىر پولشادا دالاي لامانى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئەمما، فرانسىيە تەرەپ ھازىرچە خىتاينىڭ بۇ قارارىغا ئېنىق جاۋاب قايتۇرمىغاندىن سىرت، فرانسىيە ساركوزىيمۇ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشنى بىكار قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىمىدى.
نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىنى فرانسىيە ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 1 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى فرانسىيىنىڭ ليون شەھىرىدە 11 - نۆۋەتلىك ياۋروپا - خىتاي ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى ئېلىپ بېرىلماقچى ئىدى.