يىغىن ئاساسلىقى كىلىمات مەسىلىسى ۋە خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. مۇزاكىرىدە خىتاي يۇقىرىقى ھەر ئىككى تېمىدا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تەلەپلىرىگە كۆنمىگەن.
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ پۇل قىممىتى مەسىلىسىدىمۇ خبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىدىكى مۇقىملىقنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدىكى مۇقىملىققا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن؛ ئۇ ياۋروپا بىرلىكىنىڭ كىلىمات مەسىلىسىدە يېتەكچىلىك رول ئويناش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋېن جياباۋ يىغىن داۋامىدا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ، ئۆز - ئارا مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە سىياسىي كۆز قاراش پەرقىگە ھۆرمەت قىلىش ئۈستىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ۋېن جياباۋنىڭ بۇ ئەسكەرتمىسى بەزى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن، خىتاي ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدە ئۆزىگە كېلىدىغان تەنقىدنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ قارالماقتا.