ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسارىياتى خىتاينىڭ بىر يازغۇچىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يازغۇچى لى تيېنى ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنى «ئۆكچىلەرنى قاتتىق باستۇرۇش» تىن ئىبارەت بۇ خىل ئېقىمغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى. يېقىندا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، توردا ماقالە يېزىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغان لى تيېنى «ئاغدۇرمىچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتىنىڭ باياناتچىسى روبېرت كولۋېلى ئەسكەرتىپ: ئېغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى لى تيې، ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدىن بۇيان بۇ خىل جازاغا تارتىلغان 4‏-كىشى. بىز ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق باستۇرۇپ، ۋەھىمە پەيدا قىلىشتەك كۆرۈنگەن بۇ خىل ئېقىمدىن قاتتىق بىئارام بولدۇق، دېگەن.

روبېرت كولۋېلى يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىنى قوللىنىش ئارقىلىق تىنچ يوللار بىلەن ئىپادە ئەركىنلىكىنى قوللانغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى جازالاشنى توختاشنى تەلەپ قىلغان.

كولۋېلىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ناۋى پىللاي خىتاي دائىرىلىرىگە لى تيېنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۆزىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىنى قوللىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان ھەرقانداق كىشىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.