گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈنۈگۈن ۋەقەگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى پىكىر ئەركىنلىكىگە دەۋەت قىلىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى ۋە Liao Yiwu نى پات ئارىدا گېرمانىيىدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتايدا كىشىلەرنىڭ قانۇن بويىچە چېگرادىن چىقىش ۋە كىرىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرائاتلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لياۋ يىۋۇ نۆۋەتتە ئۆز قوروسىدا نەزەربەنت ئاستىدا بولۇپ، ئۇ بۈگۈن بىر قىسىم مۇخبىرلارنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ بۇ قېتىم بارماقچى بولغان يىغىنىنىڭ بىر ئەدەبىيات، سەنئەت يىغىنى ئىكەنلىكىنى، سىياسەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن 13 - قېتىم سەپەردىن توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ۋە ھاياتىدا ھېچقاچان چەتئەلگە چىقىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لياۋ 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە چېتىلىپ 4 يىل تۈرمىدە ياتقان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خىتاي ئىچىدىن بەك سىرتىدا ئېلان قىلىنغان.